ئامېرىكانىڭ «ۋول كوچىسى» خىتايغا مەبلەغ سېلىشتىكى بۇرۇنقى قىزغىنلىقىنى يوقاتقان
2024.01.02
«ۋول كوچىسى» دەپ ئاتالغان ئامېرىكانىڭ دۇنيا مەبلەغ ۋە پاي چېكى بازىرىنىڭ مەركىزى خىتايغا مەبلەغ سېلىشتا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى قىزغىنلىقىنى يوقاتقان. «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ 1-يانۋار كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «ۋول كوچىسى» مەبلىغىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتاي پاي چېكى بازىرى ۋە زايومىنى ئېلىشتىن چېكىنىپ چىقىشى خاھىشى ئېنىق كۆرۈلگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاشىنگتوننىڭ خىتايغا بولغان رەقىبلىكىدىن سىرت، ئامېرىكا مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭمۇ خىتايدىن ئايرىلىشتا ئۆز ئالدىغا سەۋەبلىرىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنماقتا.
«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا مەبلەغ سالغۇچىلىرى ئىنتايىن چوڭ ۋە كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان گۇمانلىق قەرزنىڭ خىتاي مالىيەسىگە ئېلىپ كېلىدىغان يۈكىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن. خەۋەردە، خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى، شۇنىڭدەك ئۇل ئەسلىھەلەر سېلىنمىسىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئۈنۈملۈك رولى بولمىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار مەبلەغ سالغۇچىلاردا ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2017-يىلى سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاي ماللىرىغا تاموژنا بېجى قويغاندىمۇ، ئامېرىكا مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ سېتىۋالغان خىتاي پاي چېكى ۋە زايومى 17 مىليارد دوللار ئارتقان. ھەتتا بۇ 2020-يىلى يۇقۇم تارقالغان مەزگىلدىمۇ، داۋاملىق كۆپىيىپ 36 مىليارد دوللار، 2021-يىلى 20 مىليارد دوللار بولغان. لېكىن خەۋەردە، سېتىۋېلىشنىڭ 2022-يىلى ئاساسەن توختىغانلىقى ۋە سانلىق مەلۇماتلاردىن ئۆتكەن يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي پاي چېكى ۋە زايوم بازىرىدىن 31 مىليارد دوللار مەبلەغنىڭ چېكىنىپ چىققانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھادىسە خىتايدىكى خۇسۇسى مەبلەغ فوندلىرىغا مەبلەغ سېلىشتىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، 2019-يىلى خىتايدىكى مەبلەغ فوندلىرى ئامېرىكا خۇسۇسى ۋە پېنسىيە فوندلىرىنىڭ 140 مىليارد دوللار مەبلىغىنى جەلپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆتكەن يىلى 10-ئايغىچە بۇ مەبلەغ 4 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغان. «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدا «ۋول كوچىسى» دىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە خاس سەۋەبى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى قايتا ئويلىشىشىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ تۆھپىسىمۇ بار ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئامېرىكا مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشىغا شېرىك بولۇپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرغانىدى.