ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى «ۋەتەنپەرۋەرلىك مەبلەغ سېلىش قانۇنى» لايىھەسىنى تونۇشتۇردى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) نىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ماركو رۇبىيو ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئالددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى جون مولىنار (John Moolenaar) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتايغا سېلىنغان مەبلەغدىن تۆۋەن نىسبەتتە ئۆسۈم ئېلىشنى بىكار قىلىش مەزمۇنىدىكى «ۋەتەنپەرۋەرلىك مەبلەغ سېلىش قانۇنى» لايىھەسىنى سۇنغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:

«ۋال-سىترىت كوچىسىدىكى نۇرغۇن پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى كوممۇنىستىك خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى تاللاۋاتىدۇ. ئۇلار خىتاي ئارمىيەسىنى كۈچلەندۈرۈپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە تايىنىۋاتقان شىركەتلەرگە نەچچە يۈز مىليارد دوللار تۆكۈپ بېرىۋاتىدۇ. سودا قائىدىسىگە خىلاپ بۇ قىلمىش ئامېرىكا سودا ساھەسىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىدۇ. بۇنىڭ ئامېرىكا خەلقىگىمۇ، ئامېرىكا ئىقتىسادىغىمۇ پايدىسى يوق، شۇنداقلا بۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ».

مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ماركۇ رۇبىيو ۋە جون مولىنار خىتايدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكى ساھەسىگە مەبلەغ سالغان ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن يۇقىرى باج ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بۇ قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان. ناۋادا بۇ قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇنغا ئايلانسا بۇندىن كېيىن ھەرقانداق ئامېرىكا شىركىتىنىڭ مۇشۇ ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى مالىيە جەھەتتىن چەكلىنىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى 25 قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولۇپ، ئۇلار «بىيولوگىيەلىك خەۋپسىزلىك قانۇن لايىھەسى»، «خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىغا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى»، «ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتى ۋە خىتاي شىركەتلىرىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»، «ئامېرىكىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىنى خىتاينىڭ مونوپول قىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش قانۇن لايىھەسى» قاتارلىق قانۇن لايىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جون مولىنار 12-سېنتەبىر قىلغان سۆزىدە، بۇ 25 قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكىلىقلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەربىي، ئىقتىسادىي، تېخنىكا ۋە ئىدېئولوگىيەلىك تەھدىتىگە ئۇچراشتىن قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.