ئامېرىكا ئىقتىسادى تەخمىن قىلىنغاندىن يۇقىرى زورايدى

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلنىڭ 3-چارىكىدە ئامېرىكا ئىقتىسادى 8.2 نىسبەت بىلەن زورايغان. بۇ رەقەم 2 پىرسەنتلىك تەخمىنى رەقەمدىن يۇقىرى چىقىشى كۆزەتكۈچىلەرنى ھەم ھەيران قالدۇردى ھەم مەمنۇن قىلدى.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى چارەكتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5. 1 ۋە 5. 2 پىرسەنت بولغان. 3-چارەكتىكى ئۆرلەش نىسبىتى بۇ يىل ئىچىدە ئەمەلىيلەشكەن ئەڭ يۇقىرى نىسبەت بولۇپ قالغان. بۇ چارەكتە ئامېرىكىنىڭ ئۆي مۈلك بازىرىدىكى جانلىنىش ئەڭ يۇقىرى بولغان بولۇپ، ئۆي مۈلك بازىرىغا سېلىنغان مەبلەغ ئۆرلەپ، 6. 14 پىرسەنتكە يەتكەن. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىستېمال نىسبىتىمۇ 9.1 پىرسەنت ئۆرلىگەن.

نۆۋەتتە ئىقتسادشۇناسلار، 10 ‏-ئاينىڭ بېشىدا ھۆكۈمەت ئىككى ھەپتە تاقىلىپ قالغان مەزگىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 4-چارەكنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق چىقىدىغانلىقىنى كۈتمەكتە.