ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارنى كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى پرېزىدېنت بايدېننىڭ دەرھال يوليورۇق ئىمزالاپ، بۇ يىل ئامېرىكاغا قوبۇل قىلىدىغان مۇساپىرلارنى كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلغان. باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى مۇساپىرلارنىڭ سانىنى بېكىتىشتە دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى دىققەتكە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. پرېزىدېنت بايدېن ئىلگىرى بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان مۇساپىرلارنى ھازىرقى 15 مىڭدىن 65 مىڭغا چىقىرىدىغانلىقى، كېلەر يىلى 125 مىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىلاندا ئۇيغۇرلار، روھېڭگالار ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى سۈرىيانى قاتارلىق خەلقلەرنى ئالدىن ئويلىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. بىراق ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت بايدېن ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىمزالىغان مۇساپىر قوبۇل قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى جىددىي يوليورۇقىدا مۇساپىرلارنىڭ سانى ھازىرقى 15 مىڭدىن ئۆزگەرمىگەن. ھۆكۈمەت ئۆتكەن جۈمە كۈنى كېيىنرەك پرېزىدېنت بايدېننىڭ بۇ يىللىق مۇساپىرلارنى كۆپەيتىشنى 15-ماي ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گەيىل مانشىن، ئامېرىكانىڭ ھازىرقى مۇساپىرلار سانى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ماكانسىز قالغان مۇساپىرلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بىز ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇساپىرلارغا ئىشىكىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز». مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئانۇرىما بارگاۋا: «مۇساپىرلار سانىنى كۆپەيتىشنىڭ كېچىكىشى مىڭلىغان مۇساپىرنى ئامالسىز، خەتەرلىك، ھاياتى خەۋپكە ئىگە شارائىتلاردا ياشاشقا مەجبۇر قىلماقتا» دېگەن.