مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار تەرەققىياتىدىن سەگەك بولۇشقا چاقىردى

مۇتەخەسسىسلەر 21‏-يانۋار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار تەرەققىياتىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش خىتاينىڭ «13-بەش يىللىق پىلانى» دىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، ھەربىي مەشىقنى كۈچەيتىش، تېز سۈرئەتلىك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۇنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار تەييارلىقىدىكى 2 مۇھىم نۇقتىكەن.

لېكىن مۇتەخەسسىسلەر يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار تەرەققىياتىنىڭ نىشانى ئاساسەن تەيۋەن بوغۇزىدىكى توقۇنۇشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

21‏-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي بىخەتەرلىك ئىقتىسادىي تەكشۈرۈش كومىتېتى چاقىرغان.

يىغىندا ئامېرىكا راند شىركىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئانالىزچىسى مارك كوزاد، تەيۋەن دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشى خىتاينىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى نۇقتىلىق تەيۋەن بوغۇزى ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى نىشان قىلىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى كرىستوفىر ياڭ، خىتاينىڭ چەتئەلگە قوشۇن چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.