ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تايلاند پايتەختى باڭكوكتا كۆرۈشىدىغانلىقى مەلۇم. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ دېيىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ قايسى ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېنىق ئېلان قىلىنمىغان، بىراق ھەر ئىككى ئەمەلدار بۈگۈن، يەنى 26-يانۋار باڭكوكقا يېتىپ بارغان ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى ئادرىئېن ۋاتسون (Adrienne Watson) بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇچرىشىشىنىڭ «پرېزىدېنت بايدىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىلى نويابىردىكى ۋودسايد باشلىقلار يىغىنىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى ساقلاپ قېلىش ۋە مۇناسىۋەتلەرنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىدارە قىلىش ۋەدىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن، ۋاڭ يىنىڭ سۇللىۋان بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن. ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋاڭ يىنىڭ «خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى مەيدانىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغانلىقىنى، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە ھەمدە ئامېرىكا بىلەن ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى» نى دېگەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ دېيىشىچە، ھەر ئىككى دۆلەت كۆڭۈل بۆلىدىغان جىددىي مەسىلە قىزىل دېڭىزدىكى جىددىيلىك ئىكەن. چۈنكى نۇرغۇن كېمىلەر سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈشتىن ھەزەر ئەيلەۋاتقانلىقتىن بۇ ۋەزىيەت خەلقئارالىق تىجارەتكە زور تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭا ۋاشىنگتون بېيجىڭنىڭ ئىران بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىنى قوللىنىپ، قىزىل دېڭىزدىكى كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلماقچىكەن.
بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ۋاقتى خىتاينىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىنىڭ شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇندىن سىرت، جەيك سۇللىۋان بىلەن ۋاڭ يى ھەر ئىككىسى تايلاندتىكى مەزگىلىدە تايلاند ئەمەلدارلىرى بىلەنمۇ ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشىدىكەن. بۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تايلاندتىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.