ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا «بىر خىتاي سىياسىتى»نى تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ تەيۋەننى سودا، بىخەتەرلىك ۋە باشقا نازۇك مەسىلىلەردە كوزىر قىلىپ ئىشلىتىشىدىن قاتتىق ساراسىمغا چۈشكەن خىتاي ئۈچۈن بىر تەسەللى ئىكەن.
ئاقساراينىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ پەيشەنبە كۈنى سۆزلەشكەن. ئاقساراي، ئىككى رەھبەرنىڭ نۇرغۇن تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، پرېزىدېنت ترامپ «بىر خىتاي سىياسىتى» نى تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ سۆزنى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بىلەن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرىدە، شى جىنپىڭنىڭ ترامپنىڭ سۆزىنى ماختىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. لېكىن پرېزىدېنت ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان يېقىنقى 20 كۈن جەريانىدا نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن سۆزلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلەشمىگەنلىكى بىر سوئال بولۇپ كەلگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ تېلېفون سۆھبىتىگە دائىر بەزى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، «بىر خىتاي» پرىنسىپى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ فوندامېنتى، دېگەن.
تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ باياناتچىسى ئالېكس خۇاڭ جۈمە كۈنى ترامپ-شى جىنپىڭ تېلېفون سۆھبىتىگە باھا بېرىپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى دەپ قارايدىغانلىقى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ يېقىندىن بېرى تەيۋەننى قوللاپ كەلگەنلىكىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
