سىياسىي مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكاغا خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى چۆكتۈرۈش تەكلىپى بەرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىشىگە قارشى چىقىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكادىكى سىياسىي مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكانى خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى دەرھال چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشقا ئۈندىگەن.

«فوكس ئىقتىساد خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا «ئاتلاس ئورگىنى» نىڭ قۇرغۇچىسى جوناتان ۋارد (Jonathan Ward) «فوكس تېلىۋىزىيەسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەرىكەت قوللىنىدىغان ۋاقىتنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىزگە قارشى تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغاۋاتىدۇ، رۇسىيەگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ، دېمەك، خىتايدا ئامېرىكاغا قارىتا چوڭقۇر دۈشمەنلىك بار. ئەمدى بىزنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. بىز ئۇلارنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئاجىزلىتىشىمىز، ئىقتىسادىنى چۆكتۈرۈشىمىز كېرەك. يەنى غەربنىڭ تېخنىكىسى، كاپىتالى ۋە بازىرىنى خىتايغا كىرىشتىن چەكلىشىمىز كېرەك».

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن گېرمانىيە باش مىنىسىتىرى ئولاف شۇلتز بىلەن كۆرۈشكەندە كوممۇنىست خىتاينىڭ دۇنياۋى تەھدىتى ۋە رۇسىيەگە قورال ياردىمى قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

جوناتان ۋاردنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيەگە ئەجەللىك قوراللار ياردىمى بەرمەكچى بولۇشى، خەلقئارادىكى سىياسىي ئويۇننى ئۆزگەرتىدۇ. دېمەككى، خىتاي بۇ ئۇرۇشقا ئىقتىساد، دىپلوماتىيە ۋە تەشۋىقات جەھەتتىنلا ئەمەس، ھەربىي جەھەتتىنمۇ قاتنىشىدۇ. خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەسى دۇنيا ئىقتىسادىنى ئۆزىگە باغلىۋېلىش بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي رىقابىتىدە خىتاينى چوقۇم مەغلۇب قىلىشى كېرەك. ئالدى بىلەن، ئامېرىكا ۋول-سترېت كوچىسى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايدىن پۇل تېپىشتىن ۋاز كېچىشى، خىتايغا مەبلەغ قىلىپ سالغان 2 تىرىليون دوللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىشىشى كېرەك.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.