ئامېرىكا رۇسىيەگە ياردەم بېرىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالايدىكەن

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنسىتىرى گىنا رايموندو (Gina Raimondo) رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئىقىتىسادىي ئىمبارگوغا پىسەنت قىلماي، رۇسىيەگە ياردەم بېرىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە ئەجەللىك زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنى ئامېرىكا سودا مىنىسىترلىكى خىتاي شىركەتلىرى ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدىغان يۇقىرى تېخىنىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى خىتايغا سېتىشنى چەكلەيدىكەن.

ئامېرىكا 2020-يىل خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنى جازالاپ، ئۇنى ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان ئۆزەك (چىپ) نى ئىشلىتىشتىن چەكلىۋەتكەن بولۇپ، بۇ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ يانفون ۋە كەڭ بەلۋاغ تورى تىجارىتىگە قاتتىق زەربە بەرگەنىدى.

رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەر رۇسىيە بىلەن بېلرۇسىيەگە ئۆزەك ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى چەكلىگەن بولۇپ، خىتاي گەرچە رۇسىيەنى قوللاۋاتقان بولسىمۇ، رۇسىيەنى بۇ خىل مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىكەن. ئەمما ئۇنى باشقا دۆلەتلەردىن سېتىۋېلىپ، رۇسىيەگە تەمىنلەپ بېرىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

«ئىقتىسادشۇناس» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ھازىر خىتاي بانكىسىدا 90 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي پۇلى ساقلانغان بولۇپ، گەرچە رۇسىيە غەرب ئەللىرىنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى (SWIFT) دىن قوغلاپ چىقىرىلغان بولسىمۇ، خىتاي خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى (CIPS) نى ئىشلىتىپ، خىتايدىن مال كىرگۈزمەكچى بولۇۋېتىپتۇ. ئەمما مۇتەخەسىىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەل ئىشقا سېلىنىشى ئۈچۈن نەچچە ئاي ۋاقىت كېتىدىكەن، يەنە كېلىپ بۇ سىستېمىغا باغلانغان چەت ئەل بانكىلىرى يەنىلا خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى (SWIFT) غا باغلانغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان پۇل-مۇئامىلىسىنى داۋاملىق چەكلەپ تۇرىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 9-مارت كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن خىتاينىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى ۋە بۇزۇلۇشىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتونىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ئامېرىكانى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەستايىدىل قاراشقا، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقلىقىنى ساقلاش جەھەتتىكى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.

خىتاينىڭ يەر شارى تېلىۋىزىيە قانىلى (CGNT) خەلقئارا ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىنى ئاقلاپ، بۇ ئۇرۇشنى ئامېرىكا بىلەن ناتونىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن.