رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا يەنە 60 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىقتىسادىي جازا تەدبىرى ئېلان قىلىدىكەن.
قارارنىڭ مۇشۇ جۈمە كۈنىگىچە ئېلان قىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ نۆۋەت ئېلان قىلىنىدىغان جازا تەدبىرلىرى ئاساسلىق تېخنىكا، ئۇچۇر - ئالاقە ۋە ئەقلىي مۈلۈك ساھەسىگە قارىتىلغان بولسىمۇ، كىيىم-كېچەك، ئاياق، كۈندىلىك بويۇم قاتارلىق 100 دىن ئوشۇق تۈرلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
بۈگۈن، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئامېرىكىنى ھېسسىيات بىلەن ئىش قىلماسلىققا ۋە سودا ئۇرۇشى قىلماسلىق» قا چاقىرغان. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈكنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى ۋە چەتئەل مەبلىغىگە تېخىمۇ كۆپ ئېچىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ۋەدىلەرنى كۆپ قېتىم بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ھېچقاچان بۇ ۋەدىلەرنىڭ ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى، ھازىرغىچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى شىكايەتلىرىنىڭ ئاياغلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىدىكى قىزىل رەقەم 375 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا بۇ رەقەمنى ئازايتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن ۋە دەسلەپتە خىتاينىڭ ئاليومىن ۋە پولات مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىغان باجنى ئاشۇرغان ئىدى.