ئامېرىكا بىلەن خىتاي پەيشەنبە كۈنى ئىككى ئەل رەھبىرىنىڭ 6- ئاپرېل كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئارقىدىنلا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى -تۋېتىردا سۆز قالدۇرۇپ، سۆھبەتنىڭ مۇشەققەتلىك ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پرېزىدېنت ترامپ سۆزىدە يەنە، «بىز ئەمدى ئۇنداق زور سودا قىزىل رەقىمى ۋە ئىشسىزلىققا يول قويالمايمىز. ئامېرىكا شىركەتلىرى باشقا چىقىش يوللىرىنى ئىزدەشكە تەييارلىق قىلىشى كېرەك» دېگەن. پرېزىدېنت ترامپ تۋېتىرغا سۆز قالدۇرۇشتىن سەل بۇرۇن ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ 6- ۋە 7-ئاپرېل كۈنلىرى كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئاقساراي، پرېزىدېنت ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئايالى پېڭ لىيۈەننى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى، ئىككىيلەننىڭ يەر شارى، رايون خاراكتېرلىك ۋە ئىككى تەرەپ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سۆھبەتنىڭ ھالقىلىق تېمىسى سودا، شىمالىي كورېيە، جەنۇبىي دېڭىز ئىختىلاپى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى نىككى ھېيلېي پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ شىمالى كورېيەگە سەۋر -تاقىتى قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئىگىلەيدىغان سالمىقى مەلۇم ئەمەس.
ئەركىنلىك سارىيى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار پرېزىدېنت ترامپنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا جىددىي قاراپ، خىتاينىڭ ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىشىنى، ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئا ئۇ ب خىتاي بىلەن بولغان تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرىپ كەلگەن.