ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى: «خىتاي ئەگەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى قوللىسا، قانداق ئاقىۋەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك»
2022.04.07
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنستىرى ۋېندى شېرمان (Wendy Sherman) ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن جازا تەدبىرلىرى خىتايغا ئوبدان ساۋاق بولۇشى كېرەك، دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېندى شېرمان بۇ سۆزلەرنى 6-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن بىللە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا، رۇسىيە ئىقتىسادىغا ۋە سىياسىي تەسىرگە ئىگە سودا زەردارلىرىغا قارشى قويغان ماس قەدەملىك جازالىرى ۋە ئېكسپورت كونتروللۇقى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭغا دەرس بولۇشى كېرەك. مېنىڭچە، شى جىنپىڭ پۇتىننى ھەر قانداق ماددىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن تەقدىردە، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى خېلى ئوبدان چۈشىنىدۇ.»
ئۇ يەنە بېيجىڭنىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ: «بېيجىڭ غەربنىڭ ئۇكرائىنانى ئورتاق قوللىغانلىقىدىن توغرا ساۋاقلارنى ئېلىۋېلىشى كېرەك، خىتاينىڭ دېموكراتىك تەيۋەن ئارىلىنى زورلۇق بىلەن ئىشغال قىلماقچى بولغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۇرۇنۇشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىز خىتاينىڭ بۇنداق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ يالغۇز ئامېرىكانىڭلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ بىردەك قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن.
يېقىندا خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن خىتايدىن قورال-ياراغ ياردەم قىلىشنى سورىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. خىتاي بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى رەت قىلغان. بىراق ئامېرىكا خىتاينى قاتتىق ئاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاينىڭ رۇسىيەنى ھەرقانداق ھەربىي ئەسلىھە بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئاشكارىلانسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 3-ئايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سىن ئارقىلىق كۆرۈشكەندىمۇ شى جىنپىڭنى بۇ ھەقتە بىۋاستە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.