ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن (Janet Yellen) ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەدەل تۆلەشكە رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«ۋال-سىترىت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېللېن بۇ سۆزنى جون خوپكىنس خەلقئارا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، ساغلام ۋە ئادىل ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا ھەمكارلىشىش، شۇنداقلا يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش» تىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېكسپورتنى كونترول قىلىش، جازالاش ۋە چەت ئەل مەبلىغىنى چەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ،» دېگەن.
يېللېننىڭ بۇ سۆزى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر جىددىيلەشكەن، بولۇپمۇ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋاشارى ۋەقەسى ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىكى رولى ئامېرىكانى گۇمانغا سېلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشىغا چەكلىمە قويۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتكە ئايلانسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنىمۇ جىددىيلىشىدىكەن.
جانېت يېللېن خانىم سۆزىدە «گەرچە بۇ سىياسەتلەر ئىقتىسادىي تەسىرگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىۋاسىتە ھالدا بىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىز نەزەردە تۇتۇلۇپ چىقىرىلغان. بۇ سىياسەتلەر بىزنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىمىزنى زورلىغان تەقدىردىمۇ، بىز دۆلەت مۇداپىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلىرىمىزدە مۇرەسسە قىلمايمىز» دېگەن.