بلىنكېن بېيجىڭدا ئەگەر خىتاي رۇسىيەگە ياردەم بېرىشنى توختاتمىسا، ۋاشىنگتوننىڭ تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 26-ئاپرېل خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەگەر خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى توختاتمىسا، ۋاشىنگتوننىڭ خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بلىنكېن ۋاشىنگتوننىڭ كونكرېت قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئىلگىرى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بانكىلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بلىنكېن 26-ئاپرېل ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاينىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى دۇچ كەلگەن «ئەڭ چوڭ تەھدىتىنىڭ ئۇلغىيىشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقى» نى ئېنىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بلىنكېن بەزى ساھەلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانلىقى، بولۇپمۇ زەھەرلىك دورا فەنتانېلنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى توسۇشتا بېيجىڭنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىنى ماختىغان.

بلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان. نۆۋەتتە، بلىنكېننىڭ زىيارەتتە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان-قويمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن BBC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ 26-ئاپرېل بلىنكېن بىلەن خەلق سارىيىدا كۆرۈشكەندە، ئەگەر ئامېرىكا «خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولسا، مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە مۇقىملىشىپ، ياخشىلىنىدىغانلىقى ۋە ئىلگىرىلەيدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ئەمما بلىنكېن BBC غا خىتاي ۋە ئۇنىڭ بەزى شىركەتلىرى رۇسىيەنى «ھالقىلىق بۇيۇملار» بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقاندىلا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ خىتاي بىلەن بولغان «ياخشى مۇناسىۋىتى» نىڭ يولى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بلىنكېن مۇنداق دېگەن: «بىز بۇنىڭغا چېتىشلىق خىتاي ئورۇنلىرىغا تەدبىر قوللاندۇق، ئەمما مەن بۈگۈن يەنىلا ئەگەر خىتاي ھەرىكەتكە ئۆتمىسە، بىزنىڭ يەنە تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىمىزنى ئېنىق قەيت قىلدىم».

بلىنكېن بۇ قېتىم ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا، جەنۇبىي دېڭىز، تەيۋەن بوغۇزى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى كەسكىنلىشىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا خىتايدا زىيارەتتە بولغان.