ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «خىتاي رىقابەت قانۇنى لايىھەسى» ھەققىدە رەسمىي مۇزاكىرىلەرنى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.05.05

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «رىقابەت قانۇنى» نى رەسمىي قانۇن قىلىپ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن مۇزاكىرىلىرىنى باشلايدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى «يىغىن كومىتېتى» (conference committee ) دەپ ئاتىلىدىغان بىر جەريان ئارقىلىق رەسمىي مۇزاكىرىنى باشلايدىغان بولۇپ، ئۇ بىر قانچە ئاي داۋام قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدىكى «ئامېرىكا يېڭىلىق يارىتىش ۋە رىقابەت قانۇنى» (USICA)نى ماقۇللىغان بولسا، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاۋام پالاتاسىمۇ «ئامېرىكا رىقابەت قانۇنى» (America Competes Act) نى ماقۇللىغان ئىدى. ئەمدى «يىغىن كومىتېتى» دا ھەر ئىككى پالاتا ئەزالىرى بۇ ئىككى قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاخىرىقى ئورتاق نۇسخاسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.

يۇقىرىقى رىقابەت قانۇن لايىھەلىرى ئامېرىكانىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرىنى 52 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى، كەلگۈسىدىكى مۇھىم تېخنىكا ساھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن 200 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ ھوقۇقى بېرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن. قانۇن لايىھەسى تېخنىكا تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىشتىن باشقا يەنە تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقە ھەمدە ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، 100 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپ، خىتاينىڭ چەكلىمىسى ۋە خاتا ئۇچۇرىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

يۇقىرىقى بۇ قانۇن لايىھەلىرى ئامېرىكانىڭ خىتاي تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئالغان زور قەدەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارمۇ مەۋجۇت ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ماددىلىرىدا، ئ‍امېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىل تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا «بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشى» غا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇشى؛ ئۇيغۇر رايونىدىن قېچىپ چىققانلارغا P-2، يەنى «ئالدىن ئويلىشىدىغان مۇساپىرلار» سالاھىيىتى بېرىپ، ئۇلارنى «ئالاھىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ئەندىشىسىدىكى مۇساپىرلار» دەپ بېكىتىشى؛ ئ‍ۇلارنىڭ خىتاي ئىچىدە ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە تۇرۇپ سىياسى پاناھلىق تىلىشىگە يول قويۇلۇشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.