پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مەركەزلەشكەن بىر ۋاقىتتا، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەنى ئەمەس، خىتاينى ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق رەقىبى، دەپ قارايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئەسلى 5-ماي كۈنى نۇتۇق ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىنى شەرھلىمەكچى بولغان. بىراق ئۇنىڭ كرونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ نۇتقى كېيىنگە كېچىكتۈرۈلگەنىدى. «ۋول ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار بلىنكېننىڭ نۇتۇقىنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاينى ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق رەقىبى، دەپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ۋول ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەتكە مەسلىھەت بېرىدىغان تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسلىرى بلىنكېننىڭ نۇتقى ئاقساراينىڭ ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىتىدىن بەك پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭمۇ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي بىلەن تىركىشىش ۋە رىقابەتلىشىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنىڭ دۈشمەنلىشىشكە ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىشنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، بلىنكېننىڭ نۇتقى رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتايغا بولغان دىققىتىنى چېچىۋەتكەن، موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ خىرىسنى بىرلا ۋاقىتتا قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى مۇنازىرە قوزغىغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
«ۋول ستېرېت ژۇرنىلى» نىڭ ئېيتىشىچە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر «بلىنكېننىڭ بۇ نۇتۇق ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن خىتاي پەيدا قىلغان خىرىسنى ئۆزئارا باغلاپ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت يەرشارى تەرتىپىگە بولغان خەتىرىگە قارىتا ھەمكارلىقنى تەكىتلىشى مۈمكىنلىكىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، بلىنكېننىڭ نۇتقىنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئاندى بار( Andy Barr )سۇنغان «شى جىنپىڭنىڭ مۇداخىلە ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى قانۇن لايىھەسى» يېقىندا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغاندىن كېيىنلا ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدا شى جىنپىڭنىڭ نامى تۇنجى قېتىم بىر ئامېرىكا قانۇنىنىڭ ئىسمىدا تىلغا ئېلىنغان.