خىتاينىڭ خوڭكوڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى ماقۇللىماقچى بولۇشى خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىماقتا. يېقىندا، ئامېرىكا ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايىن خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئەگەر خىتاي خوڭكوڭغا ئالاقىدار دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىدىن ۋاز كەچمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكا خوڭكوڭغا بېرىۋاتقان ئەۋزەل سودا شارائىتلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ، دېگەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 25-ماي دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكاغا تەھدىت قىلىپ، «ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرسا بىزمۇ بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىمىز،» دېگەن.
خىتاينىڭ يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى خوڭكوڭدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان نامايىشلاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مىڭلىغان خوڭكوڭلۇقلار يەكشەنبە كۈنى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەرگە قارىماي، كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
كۆزەتكۈچىلەر بولسا غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىگە ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋالىيسى بولغان كىرىس پەتتىن 24-ماي كۈنى «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىگە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىگە قىلىۋاتقان بۇ ھۇجۇمىنىڭ پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ماقالىسىدە، ھازىرغىچە دۇنيادىكى 23 دۆلەتتىن بولغان 200 دىن ئارتۇق سىياسەتچى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ بېيجىڭنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەيدىغان بىر باياناتقا قول قويغانلىقىنى بايان قىلىشى بىلەن بىرگە، ئەنگلىيەنىڭ چوقۇم بۇ مەسىلىنى كېلەر ئايدا ئېچىلىدىغان G7 دۆلەتلىرى يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئەپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۇقرالارنى لاگېرلارغا سولىغان شى جىنپىڭنىڭ ئەمدىكى زەربە بېرىش نىشانىنىڭ خوڭكوڭلۇقلار بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇ مەسىلىگە پۈتۈن دۇنيانى دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.