ئامېرىكا ئارمىيەسى شتاب باشلىقى: خىتاي ئامېرىكا خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ شتاب باشلىقى گېنېرال مارك مىللەي خىتاي قاتارلىق تۆت دۆلەتنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەتلەر دەپ كۆرسەتكەن.

«سودا ئىچكى خەۋەرلىرى» تورىدا كۆرسىتىشچە، گېنېرال مىللەي بۇ سۆزلەرنى 20 - ئىيۇن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر بىرلەشمە ناشتىلىق زىياپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىغا خەۋپ تۇغدۇرىدىغان دۆلەتلەر رۇسىيە، خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە ئىكەن.

ئۇ سۆزىدە رۇسىيەنى ئامېرىكىنى ۋەيران قىلىۋېتىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بىردىن بىر مەۋجۇت كۈچ ۋە تاجاۋۇزكار دۆلەت، دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ، خىتاينى ئامېرىكىغا تەھدىت شەكلەندۈرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ 2 - رېتىگە تىزغان ۋە خىتاينىڭ بارغانچە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تالاش - تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە ئېكسپېدىتسىيە قىلىشنى باشلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تېخى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، خىتاينىڭ تېخى ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەن باشقىلارنى ئالدىراپلا خىتاينى دۈشمەن، دەپ ئاتىماسلىققا ئاگاھلاندۇرىمەن.»

خەۋەرگە قارىغاندا، گېنېرال مىللەي ئەپەندىم خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ئۆسۈۋاتقان ھەربىي كۈچىنىڭ كەلگۈسىدە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئۇ تەرتىپ بويىچە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەنى ئامېرىكىغا تەھدىت دۆلەتلەرنىڭ 3 - ، 4 - رېتىگە تىزغان.

ئۇ، شىمالىي كورېيە ھەققىدە توختالغاندا، شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي كۈچى ئاجىز، تەبىئىي بايلىقى خوراپ كەتكەن بىر دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يادرو قورالى بار بولغان ۋە خىتاي ئارقىسىدا تۇرۇپ قوللايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە 2014 - يىلى مارتتا قىرىم يېرىم ئارىلىنى بېسىۋالغان ۋە دۇنياۋى نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر رۇسىيەگە ئىقتىسادىي جازا قوللانغان بولسىمۇ، رۇسىيە قىرىمغا قاراتقان كونتروللۇقنى بارغانچە كۈچەيتكەن ئىدى.

خىتاي بولسا، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆزىنىڭ دەپ ئېلان قىلىپ، فىلىپپىن، بىرۇنېي، مالايسىيا ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىغان.

خىتاي يېقىندىن بۇيان سپراتېل ۋە پاراسېل ئاراللىرى تەۋەسىگە بىر قىسىم سۈنئىي ئاراللارنى ياساشنى توختاتمىغان، ئەمما ئامېرىكا بۇ ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.