رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى دۈشەنبە كۈنى قوبۇل قىلغان پارتىيە پروگراممىسىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا خىتاينىڭ «تىبەت ۋە شىنجاڭدا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى »ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا يەنە، خىتاينىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى «بىمەنىلىك » دەپ باھالىنىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشكە ئالاقىدار سىياسەتلىرىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
بۇنىڭ بىلەن پەيشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلار پەيشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگلىزچە خەۋەرلەر بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا «جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئۆزىنىڭ پارتىيە پروگراممىسىدا خىتاينىڭ تەيۋەن، تىبەت مەسىلىلىرى ھەم شۇنداقلا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىز مەسىلىسىگە قارىتا ئاساسىي يوق ئەيىبلەشلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.
خىتاي تەرەپ باياناتىدا يەنە، ئامېرىكىدىكى بارلىق پارتىيىلەرنى خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا ئوبيېكتىپ ھالدا، توغرا باھا بېرىشكە چاقىرغان.
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن پرېزىدېنتلىققا نامزات بولغان دونالد ترامپمۇ ئۆز نۇتۇقلىرىدا كۆپ قېتىم خىتاينى ئەيىبلەپ، ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.