ئاقساراي جۈمە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى سۇزان رايسنىڭ 24-ئىيۇلدىن 27-ئىيۇلغا قەدەر خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سۇزان رايس خىتاينى خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپى كۈچەيگەن، خەلقئارا سوت خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى «ئاساسسىز» دەپ ئېلان قىلغان مەزگىلدە زىيارەت قىلىدۇ.
ئاقساراينىڭ باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، سۇزان رايس بۇ سەپىرىدە خىتاي دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ يىل 9-ئايدا خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىدە مۇزاكىرە قىلىدىغان رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.
ئاقساراي باياناتىدا يەنە، سۇزان رايىسنىڭ شاڭخەينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، شاڭخەيدە «پۇقرالار بىلەن خۇسۇسى كۆرۈشىدىغانلىقى» نى، سودا ساھەسى بىلەن «خىتايدىكى ئامېرىكا سودا كارخانىلىرىنىڭ شارائىتى» نى سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايسنىڭ قەيت قىلىشىچە، سۇزان رايىس خىتايدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىق نىيىتى، ئۇنىڭ بىلەن بولغان پىكىر ئىختىلاپلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى تەكىتلەپ ئۆتىدىكەن.
خەلقئارا سوت 12-ئىيۇل جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ھۆكۈم چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى بۇرۇنقى مەيدانىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا سوتنىڭ قارارىغا ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.