ئامېرىكا خىتاينى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە كومپارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا قارىتا كونترولى ۋە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس بەلگىلىمە ئېلان قىلغان ۋە بەلگىلىمىدە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىچىدىمۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى تەكىتلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى مارك تونېر تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ مۇستەقىل پائالىيەت بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. مارك تونېر خىتاينى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە ب د ت غا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى. ئۇ يەنە خىتاينى دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلىش بىلەن بىللە، چەتئەللىكلەرنىڭ خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ خىتايدا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي بۇ يىل 4-ئايدا چەتئەللەردىكى خىتايلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى نازارەت قىلىش ھەققىدە بىر ھۆججەت چىقارغان، بۇ ھۆججەتمۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.