ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو (Gina Raimondo) 8-ئاينىڭ 28-كۈنى خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن «سودا ئىشلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇش ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن.
CNN تورىنىڭ 28-ئاۋغۇست كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جىنا رايموندو ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى، ئۆزئارا قىلىشقان 700 مىليارد دوللارلىق سودىدىن تەڭ مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇقىم ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تەرەپ بولسا ئىككى دۆلەتنىڭ كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، سودىغا پايدىلىق سىياسىي مۇھىت يارىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ناھايىتى روشەنكى، خىتاينىڭ بۇ ئىپادىلىرى ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرنى خىتايغا مەبلەغ سېلىش ۋە خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشتىن چەكلەيدىغان قانۇن چىقىرىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى ئامېرىكاغا كىرگۈزمەسلىك قانۇنىنى يولغا قويۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جىنا رايموندونىڭ خىتايغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىشىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن دەپ قارالماقتا ئىكەن.
جىنا رايموندو خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ «سودا ئىشلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇشتا بىرلىككە كەلگەن. بۇ گۇرۇپپا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا ئەمەلدارلىرى ۋە كارخانا ۋەكىللىرىنى ئۇچراشتۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن، ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىدىكەن. ئەگەر بۇ گۇرۇپپا رەسمىي قۇرۇلسا، 2024-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى ئىككى قېتىم يىغىن ئاچىدىكەن.
سودا مىنىستىرى جىنا رايموندونىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېىن، مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلىن، كىلىمات ئالاھىدە ئەلچىسى جون كېررى قاتارلىقلار خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئالاھىدە نەتىجە قازىنالمىغانىدى.