ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى مايك گاللاگېر خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى تەسىرىنى ئازايتىش ھەققىدە 5 قىسىملىق پىلان ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكادىكى «ئۇنىۋېرسىتېت خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مايك گاللاگېر ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى «يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم جەڭ مەيدانلىرىنىڭ بىرى» دېگەن. ئۇ ۋىسكانسون شىتاتلىق مەجلىستە ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تېخنىكا ساھەسى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىقىنىڭ خەتەرلىك دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنۇلارنى دېگەن:
«نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت سىجىل ئەمەس-بىزدەك ئۇلۇغ بىر دۆلەت بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىزنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك. ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە كارخانىلىرى ئۆز دۆلىتى تەرەپتە تۇرامدۇ ياكى بىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنى بۇزۇشنى نىيەت قىلغان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر كوممۇنىست ھاكىمىيەت تەرەپتە تۇرامدۇ؟ بۇنىڭغا قارار بېرىشى كېرەك. بىز ھەرگىز ئۇلارغا ئوخشاش بىر خىل ئىدىيەنى ئالغا سۈرۈش ۋە يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت يولىغا ماڭماسلىقىمىز كېرەك».
ئۇ ئۇنىۋېرسىتىت دائىرىلىرىنىڭ خىتاي سالغان مەبلەغقە تايىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ قارارلىرىنىڭمۇ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېگەن:
«بىز دۆلەت مىقياسىدا ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قېتىلىشى بىلەن كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى چەكلىدۇق. ئەمما بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلار فېدېرال چەكلەش بۇيرۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دەرھال مەكتەپلىرىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىپلا پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلدۇرماقتا. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلار يەنە ھەرخىل ناملار ئاستىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىدىن پۇل ۋە سوۋغات ئالماقتا.»
دۆلەت مەجلىس ئەزاسى مايك گاللاگېر سۆزىدە ئامېرىكا ئۇنۋېرسىتېتىلىرىدىكى مانا مۇشۇ خىل ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن مەكتەپلەرنىڭ فوند مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، يېڭى قانۇن-نىزاملارنى بەلگىلەش، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ نازۇك تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتنىشىشىنى تەڭشەش قاتارلىق 5 قىسىملىق پىلاننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.
ئۇ شۇ كۈندىكى سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ: «خىتاينى بۇ ئادەم ئىشەنگۈسىز ھەرىكەتتىن توختىتىشنىڭ يولى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ئۈزۈشتۇر. ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرى خىتاي بىلەن ھەمكارلىقىنى توختىتىشى؛ دۆلەتلىك، شىتاتلىق ۋە يەرلىك پېنسىيە فوندلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىدىن چېكىندۈرۈپ چىقىشى كېرەك،» دېگەن.