خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى تۈزگەن ئۇرۇش قىلىش پىلانى ئاشكارلىنىپ قالغان

خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان ھەربىي ھەرىكەت پىلانى ئاشكارلىنىپ قالغان.

«ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتى 27-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بۇنىڭغا ئائىت بىر ئىچكىي دوكلاتىنى ئاشكارلىغان. دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ پىلانى ئامېرىكا بىلەن بولغان كەلگۈسىدىكى ھەرقانداق بىر توقۇنۇشتا ئ‍ۆزئارا گىرەلەشكەن، جىپسىلاشقان ۋە ئۆزئارا ماسلاشقان ئېلىكتىر ماگنېت سپېكتىرى، ئۇچۇر بوشلۇقى ۋە تور بوشلۇقىدا ئۇنىۋېرسال ھەرىكەت ئۇقۇمىنى قوللىنىپ، كىنېتىك (Kinetic) بولمىغان ھەربىي ئۈستۈنلۈك مۇھىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەن.

«بىرلەشمە سەپەرۋەرلىك ئۇچۇر مەشغۇلاتى توغرىسىدا لېكسىيە» ناملىق 438 بەتلىك دوكلاتتا، خىتاينىڭ «ئۇچۇر ئۈستۈنلىكى» گە ئېرىشىش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىلى، دېگەن ئىستىراتېگىيەسى ئاشكارلانغان. دوكلاتتا «بىرلەشمە ئۇچۇر مەشغۇلاتى» نىڭ ئاساسلىق شەكىللىرىنىڭ «ئېلىكتىرونلىق ئۇرۇشى، تور ئۇرۇشى، ئىستىخبارات ئۇرۇشى، پىسىخولوگىيە ئۇرۇشى ۋە جىسمانىي ۋەيران قىلىش ئۇرۇشى» دىن تەشكىل تاپقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە «ئېلىكتىرونلىق ئۇرۇشى بىلەن تور ئۇرۇشى ئۇچۇر مەشغۇلاتىنىڭ ئاساسلىق شەكلى» نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ ئۇچۇر ئۇرۇشى تاكتىكىلىرىنى چەت ئەلنىڭ يېقىنقى يىللاردا بولغان ئۇرۇشلاردىكى ئۇچۇر مەشغۇلاتلىرىدىن، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ ياۋروپا، ئوتتۇرا-شەرق ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى مەشغۇلاتلىرىدىن ئۆرنەك ئالغان ئىكەن. خەۋەردە، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇرۇن ئېلىپ بارغاندەك خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭمۇ ئېلىكتىرونلىق ھۇجۇم، تور ئۇرۇشى، پىسخىلوگىيەلىك ئۇرۇش ۋە ھەربىي كۆز بويامچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.