خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا ئېلېكترونلۇق جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، ئۇنىڭغا خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئاخبارات خەۋەرلىرىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
گېرمانىيە «ئەينەك» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق خادىمى ئېدۋارد سنوۋدېن، دۇنيا بويىچە 90 دەك ئامېرىكا ئېلېكترونلۇق جاسۇسلۇق ئەسلىھەسىنىڭ بىر قىسىم ئەللەردىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ئاسىيادىكى ئېلېكترونلۇق جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى خىتاي ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ مەركىزى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، بىز ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا ئېنىقلىما ۋە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ئورگانلارنىڭ ۋە خادىملىرىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، دېگەن. «جۇڭگو» گېزىتى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ جاسۇسلىرىنى جۇڭگودىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان.
بىراق، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات باش نازارەتچىسى جېيمىس كلېيپېر، ئېلېكترونلۇق جاسۇسلۇق پروگراممىسىنى ئاقلاپ، بىز ئامېرىكىلىقلار ياكى ھەر قانداق بىر دۆلەتتىكى بىگۇناھ خەلق ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلمىدۇق، دېگەن.