بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ ئاپتوموبىل ۋە ئاۋىئاتسىيە سانائىتىنى ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان «ئالېرىس ئاليۇمىن پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى» نىڭ خىتايغا سېتىلىشىغا قارشى چىقتى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ خەلقئارالىق زور ئاليۇمىن شىركىتى بولغان «جوڭ ۋاڭ گۇرۇھى» ئامېرىكىنىڭ «ئالېرىس ئاليۇمىن زاۋۇتى» نى سېتىۋېلىشقا تەكلىپ قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سودىنىڭ قىممىتى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، زاۋۇت تېخى ئىككى ئاي ئاۋۋال سېتىشقا چىقىرىلغان ئىكەن. ئەگەر بۇ زاۋۇت سېتىۋېلىنغان تەقدىردە، سېتىۋالغۇچى تەرەپ ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىغا ئېرىشىش ھەم شۇنداقلا بۇ زاۋۇتنىڭ بويىڭ شىركىتى ۋە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئاپتوموبىل شىركەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن.
12 نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەك لېۋگە خەت يېزىپ، مەزكۇر سودىنى چەكلەشكە چاقىرغان. خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «جوڭۋاڭنىڭ ئالېرىس زاۋۇتىنى سېتىۋېلىشى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئۇ ھەم ئامېرىكىنىڭ مۇھىم تېخنىكىلىرىنىڭ ۋە سەزگۈر ئۇچۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىگە يول ئېچىپ بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە ئىلگىرىلەپ زىيان سالىدۇ».
بۇ پارلامېنت ئەزالىرى «جوڭۋاڭ گۇرۇھى»نىڭ ئاللىقاچان چېگرا بېجى ئوغرىلاش گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان بىر شىركەتلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئالېرىس زاۋۇتىنىڭ سېتىلىشىغا قاراپ چىقىدىغان ھەيئەتنى ئاگاھلاندۇرغان.