خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» جۈمە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا چنن تېلېۋىزىيە قانىلىنى تېررورلۇققا يان تاياق بولۇش بىلەن تەنقىد قىلدى. بۇ، مەزكۇر گېزىتنىڭ چنن قانىلىنى 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى توغرۇلۇق 2-قېتىم ئاشكارا تەنقىد قىلىشى.
تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىنى ئاقتۇلۇق ئوسمان ھەسەن، ئانىسى ۋە ئايالى بىلەن بىرگە ئېلىپ بارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى «تېررورلۇق» دەپ ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ ش ت ئى ھ گە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىراق، چنن تېلېۋىزىيە قانىلى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى شون روبېرتس، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار كېڭىشىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئېلىزابىت ئېكونومىي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تيەنئەنمېن ھۇجۇمى ۋە ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق يازغان ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان.
شون روبېرتس تيەنئەنمېن ھۇجۇمىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەت ئىكەنلىكى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، ۋەقە ئېھتىمال، خىتاينىڭ غايەت زور تەرەققىيات ماشىنىسىنىڭ چەتكە قېقىشىدا تىپىرلاۋاتقان بىر مىللەتنىڭ ئۈمىدسىزلىك نىداسى بولۇشى مۇمكىن، دېگەن.
«خەلق گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە، چنن جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ ۋەقەگە بەرگەن باھاسىدىن گۇمانلىنىپ، جۇڭگونىڭ مىللىي، دىنىي سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلدى، تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلدى، دەپ تەنقىد قىلغان.