ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سان-فرانسىسكو سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسى ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ 15-نويابىر كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىگە قارىتا ئوخشىمىغان ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر پرېزىدېنت بايدېننى بېيجىڭ بىلەن «ئەھمىيەتسىز ئالاقە» قۇرۇش بەدىلىگە ئۇنىڭغا تېز پۈكۈش بىلەن تەنقىد قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى رەھبەر بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ھەربىي ئالاقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەسى پەيدا قىلغان خەۋپ-خەتەرنى بىرلىكتە كونترول قىلىش، سۈنئىي ئەپيۈن-فەنتانىلغا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەردە پىكىر ھاسىل بىرلىكى ھاسىل قىلغان. پرېزىدېنت بايدېن سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ «ئۆتكەن بىر قانچە ئايلىق يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرى ئاساسىدا، بەزى مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

لېكىن جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۇچرىشىشنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ يەنىلا ھەل بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى بارلىقىغا سوئال قويۇشماقتا. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك مىككائۇل 16-سېنتەبىر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئېلىپ بارغان «بىھۇدە ئۇچرىشىشلىرى» دىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن خىتايغا يول قويۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ «ھازىر ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ يول قويۇپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان بىر ئورگانىنى تىزىملىكتىن چىقارماقچى بولغان».

رويتېرس ئاگېنتلىقى 16-نويابىر بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاي ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى» نى ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقارماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئامېرىكا ئىلگىرى بۇ ئورگانغا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن جازا يۈرگۈزگەن. بايدېن-شى سۆھبىتى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىسىمۇ، لېكىن ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېن كاردىن ۋە بۇ كومىتېتنىڭ 10 نەپەر دېموكراتىك ئەزاسى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، جوۋ بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىسىنى مەدھىيەلىگەن.