ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن كېلەر ھەپتىدە خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تەرەپ بىلەن شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە رايونى مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاقساراينىڭ بىر ئەمەلدارى بايدىننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقچىلىرىغا ئۆز مەيدانىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىن خىتاي تەرەپكە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە رايونىغا بولغان قارشىلىق ئىنكاسىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆتكەن ھەپتە خىتاي شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە رايونىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تەرەپنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. خىتاينىڭ مەزكۇر ھاۋا مۇداپىئە رايونى سېنكاكۇ ئاراللىرى ۋە ياپونىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە رايونى ئارىسىغا توغرا كېلىدىكەن.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئىككى دانە ب-52 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى خىتاينى خەۋەرلەندۈرمەستىن مەزكۇر رايونغا كىرگەن ئىدى. بايدىن بۇ قېتىم يەنە ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىمۇ زىيارەت قىلىدىكەن. بۇ بايدىننىڭ 2-قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.