ئامېرىكا: ئايروپىلانلىرىمىز خىتاي ئېلان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە رايونىدا ئۇچۇشنى داۋام قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.11.30


جۈمە كۈنى خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ ئۆزى ئېلان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىدا ئۇچقان ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى كۆزەتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ھەربىي شتاب باشلىقلىرى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مەزكۇر رايوندا ئىزچىل نورمال ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە شەرقىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ھاۋا مۇداپىئە رايونىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، رايون ۋەزىيىتىدە جىددىيلىك پەيدا قىلغان ۋە بۇ ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىغا كىرگەن ھەرقانداق ئايروپىلانلارنىڭ ئۆزنى مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانچىسى ستېۋې ۋاررېن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئايروپىلانلىرىمىز تىنچ ئوكياننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلقئارالىق ھاۋا بوشلۇقى ۋە خىتاي «ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونى» دەپ ئېلان قىلغان بوشلۇقلاردا بىمالال ئۇچۇپ يۈرمەكتە.

ئۇ يەنە بۇ ئۇچۇشلارنىڭ ئامېرىكا ئەزەلدىن تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئەركىن يۈرۈش سىياسىتىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەن شۇنى قەتئىي ئېيتىمەنكى، ئامېرىكا بۇ رايوندا نورمال ئۇچۇپ كەلگەن ۋە يەنە نورمال ئۇچۇشنى داۋام قىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.