خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا گۇئام ئارىلىدا ۋە ئاۋسترالىيەدە ھەربىي بازا قۇرىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-12-01
Share

CNN ئاگېنتلىقىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بارغانسېرى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقان خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن گۇئام ئارىلى ۋە ئاۋسترالىيەدە ھەربىي بازا قۇرۇش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت بايدېن بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى، گېنېرال لويىد ئاستىنغا «دۇنياۋى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ چىقىش» ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن ئىكەن. يېقىندا مەزكۇر كۆزىتىش خۇلاسىلىنىپ، بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم تەدبىر قاتارىدا مۇشۇ ئىككى جايدا ھەربىي بازا قۇرۇش، شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تەۋەسىدە بارغانسېرى ئەۋزەيلەۋاتقان ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش تەكلىپى سۇنۇلغان. ئاقساراي بولسا بۇ خۇلاسە ۋە تەۋسىيەنى تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاقسارايدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلاردىن مارا كارلىن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھازىر بارغانسېرى زور تەھدىتكە ئايلانماقتا. شۇڭا بۇ جايلاردا ھەربىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش بەكمۇ مۇھىم» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، ياپونىيە ئوتتۇرىسىكى ئىتتىپاقمۇ خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىغۋاگەرچىلىكىنى چەكلەشنى مۇھىم نىشانلارنىڭ بىرى قىلغان بولۇپ، بەزى مۇتەخەسىسلەر: «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش باشلانسا ئۇ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا بارلىققا كېلىدۇ،» دەپ قارىماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت