ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو 2-دېكابىر كالىفورنىيەدىكى رونالد رېگان فوندىنىڭ رېگان مۇداپىئە مۇنبىرى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۆزەكلىرىگە ئېرىشىشىگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گىنا رايموندونىڭ ئېيتىشىچە، «ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇنىڭ ۋاقىتلىق ئېرىشكەن پايدىسىدىن مۇھىم» ئىكەن. گىنا رايموندو رېگان مۇداپىئە مۇنبىرى يىغىنىدا ئامېرىكا كارخانىچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ بۇ خىل ئۆزەكلەرگە ئېرىشىشىگە يول قويالمايمىز. بىزنىڭ ئۇنىڭ بۇلارغا ئىگە بولۇشىغا يول قويۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بىز ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا ئىگە بولۇشىغا يول قويالمايمىز. شۇڭا، بىز ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئەڭ نازۇك تېخنىكىلىرىمىزغا ئېرىشىشىنى رەت قىلىمىز.»
گىنا رايموندونىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال پىرېزىدېنت بايدېن سان-فرانسىسكودا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ئالاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ساھەلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن بۇ سۆزلەرنى قىلىشى، دىققەت قوزغىدى. گىنا رايموندونىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۆزەكلەرنىڭ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ سېلىنمىغا ئېھتىياجلىق ئىكەن. رايموندو يەنە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي بىلەن بولغان ئالاقە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىدە تەھدىتكە قارىتا (ئامېرىكا) كۆزىنى يوغان ئېچىشى كېرەك» ئىكەن. رايموندو «بۇ بىز ھازىرغا قەدەر دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خەۋپ، بىز بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.
گىنا رايموندو 4-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا CNBC قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقانلىقى ۋە داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن گىنا رايموندونىڭ سۆزلىرىنى ئەلگەك بىلەن توسما ياساشقا ئوخشىتىپ، ئامېرىكا «ھەرقانچە تىرىشسىمۇ، سۇ بەرىبىر ئەلگەكتىن ئۆتۈپ ئۇز يولىدا ئاقىدۇ» دېگەن.