ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ ھەپتىدىن باشلاپ خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 10-دېكابىر بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەنىيال كرىتىنبېرگ بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ خىتاي ۋە تەيۋەن ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي دىرېكتورى لاۋرا روسېنبېرگ، پرېزىدېنت بايدېن بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دىققەت بېرىش، شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىكېننىڭ كېلەر يىلى خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن.
بۇ زىيارەت ئالىي دەرىجىلىك بىر ئاقساراي ئەمەلدارى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئىچكى جەھەتتە خىرىسقا دۇچ كەلگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى زورلاش خاراكتېرلىك سىياسىتى ئەكس تەسىر پەيدا قىلغان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتىنى قىسقا مۇددەتلىك نورماللاشتۇرۇشتىن ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىندى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سۆزلەرنى ئاقساراينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچى ئەمەلدارى كۇرد كەمبېلل، 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسپېن بىخەتەرلىك مۇنبىرى» نىڭ يىغىنىدا تەكىتلىگەن. كۇرد كەمبېلل بۇ سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا خىتاي مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ شىمالىي ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، دەنىيال كرىتىنبېرگ بىلەن لاۋرا روسېنبېرگنىڭ زىيارىتى بايدېن بىلەن شىنىڭ ئۇچرىشىشىدا مۇزاكىرە قىلىنغان «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇشقا دىققەت بېرىش ۋە يوشۇرۇن ھەمكارلىق ساھەسىنى ئىزدەش» نى، شۇنداقلا بىلىنكېننىڭ زىيارىتىگە تەييارلىق كۆرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ زىيارەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا كىشىلىك ھوقۇقنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىى ئېيتىلغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، 11-دېكابىردىن 14-دېكابىرغىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ زىيارەت ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىنىدىكەن.