ئامېرىكا خىتاي بانكىلىرىنىڭ رۇسىيەگە ياردەم قىلىشىغا قارشى تەدبىر ئالماقچى بولغان

ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش مەنپەئەتلىك سودا ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىن كۈچلىنىشىگە ياردەم قىلىشىغا قارشى تۇرماقچى بولغان، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق نىشان خىتاي بانكىلىرى ئىكەن.

«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ 24-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن خىتايغا زىيارەتكە بېرىشتىن ئاۋۋال بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە، خىتاي بانكىلىرىنىڭ قوش مەنپەئەتلىك سودىدىن پايدىلىنىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىگە ئارقا سەپتىن ياردەم قىلىشىغا ئەمدى قاراپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىلىنكېن 19-ئاپرېل كۈنى قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ: «خىتاي رۇسىيەگە ھەل قىلغۇچ قوراللارنىڭ زاپچاسلىرىنى تەمىنلەش ئارقىلىق، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىغا ياردەم قىلىۋاتقان ئاساسلىق كۈچكە ئايلانماقتا» دېگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، رۇسىيە 2022-يىل 2-ئايدا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك جازا چەكلىمىسى قويغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن رۇسىيە دوللار ئارقىلىق ئەمەس، خىتاي پۇلى بىلەن سودا قىلىپ كەلگەن. بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئامېرىكانىڭ جازا چەكلىمىسىدىن قۇتۇلماقچى بولغان. ھالبۇكى، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تاشقى سودىدا دوللارغا تايىنىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ دوللارنىڭ كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشى قىيىن بولۇپ كەلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا ھەر ۋاقىت كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ئورگانلارنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان قوش مەنپەئەتلىك سودىنى، يەنى خەلققە كېرەكلىك بۇيۇملار ۋە ھەربىي ئەشيالار سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەگەر ئامېرىكا دىپلوماتىيە يولى بىلەن خىتاينى رۇسىيەگە مال ئېكسپورت قىلىشتىن ياندۇرالمىسا، خىتاي بانكىلىرىغا جازا چەكلىمىسى قويۇش ئارقىلىق خىتايغا بولغان بېسىمنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدىكەن.