ئامېرىكا بىلەن خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇتۇشۇپ قالدى

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دىپلوماتىنىڭ 23‏-مارت كۈنىدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قىلغان سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا دىپلوماتىنى «كىبىرلىك» قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 23‏-مارت كۈنى خىتاي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغاندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي تۇتۇشۇپ قالغان. ئامېرىكا دىپلوماتى جەيسېن ماك خىتاينىڭ قارار لايىھەسىدە «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» تەرغىب قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر قارار لايىھەسىنى رەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

جەيسېن ماك «خىتاي مەزكۇر قارار لايىھەسى ئارقىلىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭ ئاساسى ئۆلچەملىرىنى ئاجىزلاتماقچى،» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، بۇ قارار لايىھەسىدىكى سۆزلەر چىرايلىق بولسىمۇ، بىراق ئۇ خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تۈپ ئەركىنلىكىگە پايدىسىز، ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەمكارلىقنىڭ ھەقىقىي يولى كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈپ ۋە قوغداپ، خاتا تۇتقۇن قىلىنغان پۇقرالارنى قويۇپ بېرىش، ئاز سانلىقلارنىڭ دىنىي ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىشىنى قوغداشتۇر،» دېگەن.

يىغىندا ئامېرىكا دىپلوماتى جەيسېن يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۈپ ئەركىنلىكنى ئاجىزلىتىشتەك ياكى ئۇنى تەرەققىيات، سودىغا باغلاپ باشقا تەرەپكە بۇراشتەك بۇ خىل ئۇرۇنۇشلارغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «بۇلارنىڭ مەقسىتى ئېنىق، دۆلەت باشلىقىنى مەدھىيەلەش، ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تېرمىنلىرىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇشتۇر،» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلا رمىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە كۈنى جەيسېن ماكنىڭ سۆزلىرىنى«مەنتىقسىز» دەپ ئەيىبلەپ، «بۇ ئامېرىكا تەرەپنىڭ پۈتۈنلەي بىلىمسىزلىكى ۋە تەكەببۇرلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ،» دېگەن. خىتاينىڭ قارار لايىھەسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى پاكىستان قاتارلىق 28 دۆلەتنىڭ قوللىشى، ئامېرىكىنىڭ قارشى تۇرۇشى، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، شۋېتسارىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق 17 دۆلەتنىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى نەتىجىسىدە ماقۇللانغان.