ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ قوش رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمس بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي، بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شەندۇڭ ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىلىرىدىن ئىمپورت قىلىنغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان بۇ ئىككى پالاتا ئەزاسى، 24-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالىخاندرو مايوركاسقا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ شەندۇڭ، لياۋنىڭ ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدا تۇتۇپ قېلىشنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئىشچىلارنى ئىشلەتكەن شىركەتلەرنى قارا تىزىملىككە ئېلىشنى، شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىلارنى ئىشلەتكەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنىمۇ دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
كرىستوفېر سىمىت بىلەن جېف مېركلېي «خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى» نىڭ بۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ، خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. يېقىندا ئامېرىكادىكى «قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئاز دېگەن 10 دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت دەلىللەرنى ئاشكارىلىغان. مەكتۇپتا، ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنى «خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر دوكلاتلارغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشۇڭلارنى، ئامېرىكا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېننېفېر ۋاكستونمۇ ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكىگە خەت يېزىپ، خىتاينىڭ شېئىن تېز مودا كىيىم شىركىتىنى تەكشۈرۈشنى، ئەگەر بۇ شىركەت «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ۋاكستون شېئىننىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.