تۇنجى نۆۋەتلىك ئامېرىكا-خىتاي دىپلوماتىيە، بىخەتەرلىك دىئالوگى ۋاشىنگتوندا باشلاندى

ئامېرىكا-خىتاي تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك دىئالوگى چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا باشلانغان.

ئىككى كۈنلۈك يىغىندا ئامېرىكا تەرەپكە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى رەكىس تېللىرسون، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم مەتتىس، خىتاي تەرەپكە دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى بىلەن ئازادلىق ئارمىيە بىرلەشمە شتاب باشلىقى فاڭ فېڭخۇي ۋەكىللىك قىلدى.

مەزكۇر دىئالوگ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل ئاپرېلدا ئامېرىكانىڭ فلورىدا شتاتىدا ئۇچراشقاندا قارار قىلىنغان. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دىئالوگنىڭ مەزمۇنى شىمالى كورېيە، يەر شارى ۋە رايون خاراكتېرلىك تېررورلۇق مەسىلىسى، جەنۇبىي دېڭىز ئىختىلاپى، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دىئالوگ باشلىنىشنىڭ ھارپىسىدا ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى سۇزان تورېنتون بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئويناشقا، ئاتالمىش ‏ئىسلام دۆلىتى- دائىشقا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا چاقىرغان ئىدى. سۇزان تورېنتون، «خىتاي خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ ‹ئىسلام دۆلىتى› نى مەغلۇپ قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشسا بولىدۇ، چۈنكى، بۇ ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبلىك ئىزچىل چەكلىك بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئامېرىكانى خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقتا ئېھتىياتچان بولۇشقا، چۈنكى خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، پەرقلىق پىكىردىكى ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.