رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئېكسپورت چەكلىمىسىنى يېڭىلايدىغانلىقىنى، يېڭىلانغان مەزمۇنلارنى ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى مەزكۇر ئېكسپورت چەكلىمىسىنى يېڭىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم يېڭىلانغان مەزمۇنلاردا ئۆزەك (chip) ياساش قوراللىرىغا ئىگە بولۇش يوللىرىنى توسىدىغان تېخىمۇ كۆپ بەلگىلىمىلەر ئورۇن ئالىدىكەن. شۇنداقلا سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىلىرىدىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ تاشلايدىكەن. بۇ ئىشلار بىلەن تونۇشلۇقى بولغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھازىر بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىنى ئېلان قىلغانلىقىمىزنىڭ بىر يىللىق ھارپىسىدا، بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ يېڭىلىنىشى كۈتۈۋاتقان ئىدى» دېگەن.
ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نورماللىشىشى ھەققىدىكى پاراڭلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا، بۇ خەۋەرنىڭ مەلۇم بولۇشى كۆپ ساھەنى ھەيران قالدۇرغان. چۈنكى 2022-يىلى 7-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان ئۆزەك ئېكسپورتى ھەققىدىكى چەكلىمىلەر ئاساسلىقى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا تەمىن ئەتكەن تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى تېزدىن ئاشۇرۇۋېلىشىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان. ئەمدىلىكتە بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ چەكلىمىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى بىر قاتار سوئاللارنى پەيدا قىلغان.
خەۋەردە بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، «بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ نويابىر ئېيىدا سان-فرانسىسكو شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان <20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى>دىكى ئۇچرىشىشىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى بار» دېيىلگەن. شۇنىڭدەك دۇنيادىكى ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئامېرىكا، گوللاندىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىلەر ھەققىدە ئورتاق پىكىردە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىلگەن.