ئامېرىكا مۇداپىئە ئىســتىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ۋىنسېنت ستىۋارت ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تېخنىكىلىرىنىڭ خىتاينىڭ تور جاسۇسلۇقى تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە تېخنىكىسىغا ئائىت نۇرغۇن مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاپ بولغانلىقىنى ۋە ھېلىھەم ئوغرىلاشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېنسىت ستىۋارت سۆزىدە «مەن گەرچە ئامېرىكا ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى يوقاتتى دەپ قارىمىساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلەيمەن» دېگەن.
ئۇ دۆلەت مەجلىسىدىكى سۆزىدە يەنە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تەرەققىيات سەۋەبىنىڭ ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھە تەرەققىياتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ غەربي تىنچ ئوكياندىكى مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.