ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا بېسىۋاتقان قەدەملەرنىڭ ئۆز ئۆزىنى يالغۇز قالدۇرۇش رولى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، بۇ سۆزلەرنى نۆۋەتتە شۋېتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە 2016 - يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا قىلدى.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاشتون كارتېر مۇنداق دېدى: «بىز باشقىلارنىڭ تەرەپ تۇتۇشىنى ئىستىمىدۇق، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئالدىمىزغا كۆپلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بۇنىڭدىكى سەۋەب نەدە؟ چۈنكى خىتاي بېسىۋاتقان قەدەملەر ئۇنى يالغۇز قويۇۋېتىدۇ، بۇ ھېچكىم خالىمايدىغان ئاقىۋەت.»
جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى«ئۆزىنىڭ» دەپ كېلىۋاتقان خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە ئايلاردىن بۇيان سپراتېل ۋە پاراسېل ئاراللىرى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم خادا تاشلارنى تىندۇرۇپ سۈنئىي ئارالنى ياسىغان.
بۇ جەنۇبىي دېڭىزغا تۇتىشىدىغان فىلىپپىن، مالايسىيا، بىرۇنېي ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئۆتكەن ھەپتە فىلىپپىن دائىرىلىرى يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان تاقالغان ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى ئامېرىكىغا قايتا ئىشلىتىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارىنى ئالغان ئىدى.