ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيلىك ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن مال ئىمپورت قىلىش مىقدارىنى ئازايتىشىغا سەۋەب بولغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 6-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 5-ئايغىچە خىتايدىن توۋار ئىمپورت قىلىش مىقدارى 24 پىرسەنت ئازىيىپ، مېكسىكا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي كەسكىنلىشىپ كەتكەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا شىركەتلىرى يەنىلا تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتاي تەۋەسىدىكى مەنبەلەرگە تايىنىشنى ئازايتىشقا تىرىشماقتا ئىكەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ ئامېرىكا ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى بەش ئېيىدا ئامېرىكانىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 24 پىرسەنت ئازايغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە HP، لېگو (Lego) قاتارلىق شىركەتلەر خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىپ ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئورنىنى قايتا تەرتىپكە سېلىشقا، شۇ ئارقىلىق رەقىب دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشماقتا ئىكەن. خەۋەردە ھەر ئىككى ئەھۋالدا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان 20 نەچچە يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلىنىشتەك ئورنى جىددىي خىرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقى، مېكسىكا، ۋىيېتنام، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرى خىتايغا يەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تارتىۋېلىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا مېكسىكا ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان. 2018-يىلى سودا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بېرى مېكسىكا، كانادا ۋە خىتاي نۆۋەت بىلەن ئامېرىكانىڭ ئەڭ شېرىكلىك ئورنىنى ئىگىلەپ كەلمەكتە ئىكەن. خەۋەردە يەنە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشتا ۋىيېتنام بىلەن تايلاند ئۇلارنىڭ ئالدىن ئويلىشىدىغان دۆلەتلىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ھىندىستانمۇ ئالما شىركىتىگە ئوخشاش كارخانىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقى، ئۇنىڭ ھىندىستاندا ئەقلىي يانفون ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكاغا شەخسى كومپيۇتېر ئىمپورت قىلىشى 2016-يىلدىكى 65 پىرسەنتتىن 45 پىرسەنتكە چۈشكەن.