ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن بىلىنكېن خىتايغا زىيارەتكە بارىدىكەن

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش، رايون ۋە دۇنياۋىي خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن خىتاينى زىيارەت قىلىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن 24-ئاپرېلدىن 26-ئاپرېلغىچە خىتاينى زىيارەت قىلىدىكەن. ئۇ شاڭخەي ۋە بېيجىڭدا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق بىر قاتار رايون ھەم دۇنياۋى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رايون ھەم دۇنياۋى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىرېزىدېنت بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش، ھەربىي ئالاقە، سۈنئىي ئەقىل ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش بويىچە بەرگەن ۋەدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ» .

ئامېرىكا سودا خەۋەر قانىلى (CNBC) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ بىلىنكېننىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك زىيارىتىدىن كېيىن، خىتايغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ بۇ قېتىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىق خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن. بىلىنكېننىڭ بۇ قېتىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان ياكى كۆرۈشمەيدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.