ئامېرىكادىكى ھەر قايسى ئىشتاتلار، بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر كونتروللۇقىدىكى ئىشتاتلار ئارقا-ئارقىدىن قانۇن چىقىرىپ، خىتاي پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ يەر زېمىن سېتىۋېلىشىنى چەكلەشنى كۈچەيتمەكتىكەن. «پولىتىكو» يەنى «سىياسەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ھەر قايسى ئىشتاتلىرىدىكى قانۇن چىقارغۇچىلار ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى دۇچ كېلىۋاتقان ئېنىق ۋە ئۈزلۈكسىز تەھدىتكە قارشى بىر قاتار قانۇنلارنى چىقارغان ياكى چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ يەر-زېمىن سېتىۋېلىشىنى چەكلىمەكچى ئىكەن. «پولىتىكو» نىڭ 3-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە، ھازىر ئامېرىكادىكى 3 دىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئىشتاتنىڭ، بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر كونتروللۇقىدىكى ئىشتاتلارنىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ يەر-زېمىن سېتىۋېلىشىنى چەكلەش ياكى چەكلىمە قويۇش ھەققىدە قانۇن چىقارغانلىقى ۋە چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قانۇنلار ئامېرىكاغا دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ يەر زېمىن سېتىۋېلىشىنى چەكلىگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇنلارنىڭ خىتاينى ئاساسى نىشان قىلغانلىقىدا گۇمان يوق ئىكەن. خەۋەرلەردە، بۇ خىل قانۇنلارنىڭ تېكساس، فىلورىدا قاتارلىق ئىشتاتلاردا يولغا قويۇلۇپ بولغانلىقى، جەنۇبىي داكوتا ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى كرىستى نوئېمنىڭ يېقىندا جەنۇبىي داكوتا ئىشتاتلىق ئاۋام پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينى «دۈشمەن»، دەپ تەرىپلىگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، كرىستى نوئېم ئۆتكەن ئايدا خىتاي ۋە باشقا 5 دۆلەتنىڭ جەنۇبىي داكوتا ئىشتاتىدىن يەر-زېمىن سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىغان بىر قانۇنغا ئىمزاغا قويغان. خەۋەرلەردە، ھەر قايسى ئىشتاتلاردىكى ئەندىشىنىڭ 2023-يىلى 2-ئايدا، ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا ئۈسسۈپ كىرگەن خىتاي ھاۋا شارىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىدىن كېيىن تېخىمۇ ئارتقانلىقى، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى تەسىر كۈچى ھەققىدە ئۈزلۈكسىز ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. «پولىتىكو» نىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكادىكى 20 دىن ئارتۇق ئىشتات چەت ئەلنىڭ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەش ھەققىدە يېڭى قانۇن چىقىرىش ياكى بۇرۇن بار بولغان قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش باسقۇچىدا بولۇپ، 2023-يىلى ئاز دېگەندە 15 ئىشتات قانۇن چىقىرىپ، چەت ئەلنىڭ يەر زېمىن سېتىۋېلىشىنى چەكلىگەن ياكى چەكلىمە قويغانىكەن.