خىتاي بىلەن ئامېرىكا كورىيە يېرىم ئارىلى كرىزىسىنى بىرلىكتە ھەل قىلىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى شەنبە كۈنى خىتاي سەپىرى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، باش مىنىستىر لى كېچاڭ، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى ئەزاسى ياڭ جېچى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى، جۈملىدىن كورىيە يېرىم ئارىلى كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېررى بىلەن ياڭ جېچى سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەيدانىنى ئىزھار قىلغان. ياڭ جېچى جۇڭگونىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 6 تەرەپ سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا رازى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ قېتىم، ئومۇمەن شىمالىي كورىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش سۆھبەتلەرنىڭ مەركەزلىك نۇقتىسى بولغان. ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ كورىيە مەسىلىسىدە پىيوڭياڭغا بېسىم قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش دەپ پەرەز قىلىنماقتا.

كېررى بېيجىڭدىكى ۋاقتىدا ئامېرىكا تەرەپ، ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگىنى بۇ يىل 7 - ئايدا باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.