ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ياردەم قىلغان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاشنى ئويلاشماقتا

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ياردەم بەرمەكتە، دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئويلاشماقتىكەن. ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا جازالاش ئېلىپ بارسا، بۇ، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغان ئىككى يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم خىتاينى بۇ ئۇرۇشتا بىۋاسىتە جاۋابكارلىققا تارتىشى بولۇپ قالىدۇ. ئامېرىكا CNBC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم قىلغان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى گېرالد كونوللى ( Gerald Connolly) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ ئۆتكەن ھەپتە بۇ خىل پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭمۇ بۇ خىل پىلاننى ئويلاشقانلىقىنى ئېيتقان.

گېرمانىيەدىكى ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قاتناشقان گېرالد كونوللى 18-فېۋرال كۈنى CNBC غا قىلغان سۆزىدە: «خىتاي شۇنى بىلىشى كېرەك، ئوخشاش ئېمبارگو خىتايغىمۇ يۈرگۈزۈلىدۇ. بۇ جازا رۇسىيەگە ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ، رۇسىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىقتىسادىي ئىپادىسى ۋە تۇرمۇش ساپاسىغا تەسىر قىلماقتا» دېگەن. گېرالد كونوللىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلسە، «ئۇنىڭ تارتىدىغان زىيىنى رۇسىيەدىن جىق كۆپ بولىدىكەن».

گېرالد كونوللى بۇ سۆزلەرنى يېقىندا «دىپلومات» ژۇرنىلىدىكى بىر دوكلاتتا، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيەگە كۆپلەپ ماشىنىسازلىق ئەسۋابلىرىنى ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى، بۇ ماشىنىسازلىق ئەسۋابلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ۋاقىتتا ئېيتقان. ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسى ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق ۋە كىرىزىستىكى خىتاي ئىقتىسادىغا قاتتىق زەربە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. CNBC نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، گېرالد كونوللى، ئېمبارگو سودىدا خىتايغا تايىنىدىغان ئامېرىكاغا زىيان سالسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ جازانى توسۇپ قالالمايدىغانلىقى ۋە جازانىڭ ناھايىتى تېز ئارىدا يولغا قويۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. گېرالد كونوللىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلسە، ئۇنىڭ، ئىقتىسادى ئاجىز ئەھۋالدىكى خىتايغا بولغان زەربىسى قاتتىق بولىدىكەن. شۇڭا، «خىتاي رۇسىيەنىڭ زوراۋانلىقى ۋە پەسكەشلىكىنى قوللاشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئەتراپلىق ئويلىشىشى كېرەك» ئىكەن.