خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدىكى تەتۈر بالانسنىڭ بارغانسېرى زورىيىشى بىر قىسىم سىياسىيونلارنى ئەندىشىگە گىرىپتار قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ بۇ ھال دونالد ترامپ ئاق سارايغا كىرگەندىن كېيىن تېخىمۇ روشەنلەشكەن. بۇنىڭ بىر زور ئىپادىسى بولسا خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان ماللىرىغا قويۇلىدىغان باجنى ئاشۇرۇش ھەققىدىكى مەسىلىدە ئەڭ روشەن ئەكس ئەتمەكتە ئىكەن.
«ۋال سترېت ژۇرنىلى» نىڭ 16-يانۋاردىكى سانىغا بېسىلغان ئاندرۇۋ بروۋنې ئىمزاسىدىكى مەخسۇس سەرلەۋھىلىك ماقالە ئەنە شۇ مەسىلىگە بېغىشلانغان.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «ئامېرىكا بىرىنچى» شوئارى ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي چۈشى» چۈشەنچىسى ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى بولغۇسى سودا ئۇرۇشىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان بىر مۇھىم ئامىل ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سانى ۋە مىقدارى غايەت زور دەرىجىدە ئاشقان. ئامېرىكا بولسا ئوكياندەك غايەت زور مىقداردا ئېقىپ كېلىۋاتقان بۇ مەھسۇلاتلاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئاشۇرۇشنى تەكىتلەپ كەلگەن.
بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ماقالە ئاپتورى «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ‹قىزغىنلىق› ۋە كىمنىڭ قانچىلىك ‹دەسمى› سى بارلىقى ھەققىدىكى قارىمۇ-قارشى مۆلچەر سەۋەبىدىن سودا ئۇرۇشى بەكمۇ يېقىنلاپ قېلىۋاتىدۇ» دەپ يازىدۇ.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىزچىل ھالدا «2001-يىلى خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئېلىپ كىرگەنلىكى ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى. بۇ ھال ئامېرىكىغا يېڭى بىر رەقىبنى تەييار قىلدى» دەپ قاراپ كەلمەكتە ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىگە قارىغاندا بۇ قېتىم ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى پارتلىسا بۇنىڭ پۈتكۈل يەرشارى ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولىدىكەن. ئەمما نۆۋەتتە بۇ سودا ئۇرۇشى راستىنلا پارتلىسا كىمنىڭ يېڭىشى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.