«شىنخۇا تورى» نىڭ 4-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ قوشۇمچە 10 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىش قارارىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جىئەن (Lin Jian) مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئامېرىكانىڭ مۇددىئاسى تاموژنا بېجى، سودا ئۇرۇشى ياكى باشقا ئۇرۇشلاردا چىڭ تۇرۇش بولسا، خىتاي ھەر تۈردىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. بىز ئامېرىكانىڭ، تېزدىن سۆھبەت ۋە ھەمكارلىق يولىغا قايتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز».
پىرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ فېنتانىلنى چەكلەشتە يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خىتاي ماللىرىغا قويغان 10 پىرسەنت قوشۇمچە تاموژنا بېجى بۈگۈن، 4-مارت رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ماللىرىغا بۇندىن ئىلگىرى قويۇلغان 10 پىرسەنت باج بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئومۇمىي باج جەمئىي 20 پىرسەنتكە يېتىدىكەن.
يېقىندا BBC خەۋەرلىرىدە ئانالىزچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئومۇميۈزلۈك سودا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قاتار تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ دېھقانچىلىق ۋە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى نىشانغا ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.