خىتاي ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى تەدبىرىگە قارشى تەدبىر قوللانماقچى بولدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 8-مارت كۈنى خىتايدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان پولات ۋە ئاليۇمىن ماتېرىياللىرىغا تاموژنا بېجى ئېلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى 2-ئاپرېل كۈنى ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ 3-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنماقچى بولغان ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى مەھسۇلاتقا 25 پىرسەنتكىچە تاموژنا بېجى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەھسۇلاتلار توڭلىتىلغان چوشقا گۆشى، تۈرلۈك مېغىزلار، مېۋە-چېۋە ۋە ھاراق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاموژنا بېجى قويۇشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى لىندساي ۋالتېرس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئامېرىكىنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدىكى ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى نىشان قىلىشنىڭ ئورنىغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئادىل بولمىغان سودا ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى ئويلىشىشى لازىم» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەرىكەتلىرى خىتاي تەۋەسىدىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. خىتاي سودا مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق مەلۇم تەتقىقات ئورگىنىنىڭ خادىمى ۋاڭ خەيلۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشى قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەمما بۇ ئۇرۇش پارتلىسا ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇشقا قاتناشماسلىققا ئىلاجى يوق» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ سودا ئۇرۇشىدىن پەرۋايى پەلەك ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم پەش قىلغان بولسىمۇ، كۆپ قېتىم ئاق ساراينى بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەن ئىكەن.