پرېزىدېنت ترامپ: «خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا ئالدىراشنىڭ ھاجىتى يوق»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ 10 ماي كۈنى ئەتىگەندە تۋېتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا ئالدىراشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ ئۇچۇرنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللارلىق ئىمپورت مەھسۇلاتىغا 25 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويۇشنى ئىجرا قىلىشقا باشلاپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىنلا يوللىغان. پرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى 9 ماي كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلۈش ھارپىسىدا 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتىغا باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ 10 ماي كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ باجنى ئۆستۈرۈش قارارى خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې باشچىلىقىدىكى سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى منۇچىن، سودا مىنىستىرى لايتخايزېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تېخى سۆھبەت ئاخىرلاشمىغاندا ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ئىدى.

پرېزىدېنت ترامپ ئۇچۇرىدا «خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەت ناھايىتى دوستانە كەيپىياتتا داۋام قىلماقتا. باج ئۆستۈرۈلۈپ، خىتاي 250 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتى ئۈچۈن ئامېرىكىغا 25 پىرسەنت باج تۆلەۋاتقان ئەھۋالدا ئالدىراشقا ھېچقانداق ھاجەت يوق. بۇ زور تۆلەنمە بىۋاسىتە ئامېرىكا خەزىنىسىگە كىرىدۇ» دېگەن. ئۇ بۇنىڭ ئالدىدا يوللىغان تۋېتېر ئۇچۇرىدا «خىتاي ئاخىرقى مىنۇتقا كەلگەندە سۆھبەت كېلىشىمىنى قايتا مۇزاكىرە قىلىمىز، دېسە بولمايدۇ. بىز خىتاينى بۇ ئىشتىن قېچىپ قۇتۇلۇشىغا بوپتۇ دەيدىغان ئوباما ھۆكۈمىتى ياكى ئەخمەق جوئېنىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەس» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە بۇرۇن بەرگەن ۋەدىلىرىدىن يېنىۋېلىپ، كېلىشىمنى قايتا مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئاخىرقى سۆھبەتتە ھېچقانداق نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت