مېكسىكا بىلەن كانادا، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىدىكى يېتەكچى ئورنىنى تارتىۋالغان

خىتاي ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇشتەك ئورنىنى مېكسىكاغا تارتقۇزۇپ قويغان. «ئىچكى قىسىمدىكىلەر» (Insider) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا 263 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن مېكسىكا ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇش ئورنىنى يەنە بىر قېتىم مۇستەھكەملىگەن.

مېكسىكا بىلەن بولىدىغان سودا ئامېرىكا ئېكسپورت ۋە ئىمپورت تاۋارلىرى ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ 15.4 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، كانادا بىلەن بولىدىغان سودا 15.2 پىرسەنتنى، خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا 12 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ 2020-يىلىدىكى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىن دۇنيا ئىقتىسادىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ نەتىجىسى ھەمدە بۇندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي يۈزلىنىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەن. خىتاي 2010-يىللاردىن باشلاپ تاكى يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولغان ئىدى.

داللاس فېدېراتسىيە زاپىسى بانكىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا ئىقتىسادشۇناسى لۇئىس توررېسنىڭ «ئىچكى قىسىمدىكىلەر» تورىغا دېيىشىچە، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئۇرۇقى سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ مەزگىلىدە تېرىلغان ئىكەن. يەنى ترامپنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان بىر قىسىم تاۋارلارغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشى ھەمدە ئامېرىكا-كانادا-مېكسىكا سودا كېلىشىمى ئىمزالىشى بىلەن باشلانغان ئىكەن.

توررېسنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ھازىر تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى «يېقىن دۆلەتلەر»، بولۇپمۇ جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە ۋە سىياسىي جەھەتتە ئۆزىگە يېقىن دۆلەتلەرگە يۆتكەشكە قاراپ ماڭغان. ئۇ يەرشارىۋى تىجارەتنىڭ بۇندىن كېيىن يەرشارىلىشىش ئەمەس، بەلكى رايون تورىغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىدىكى بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە خىتايغا سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغى 20 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى بىرىنچى پەسىلدە بۇ رەقەم 100 مىليارد دوللار بولغان ئىكەن. بۇ ئۆتكەن 40 يىل مابەينىدە ئىزچىل ھالدا مەبلەغ كىرگەن بىر دۆلەت ئۈچۈن ھەيران قالارلىق بىر ئۆزگىرىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.